«ئاياللار ئىنجىلى » ناملىق كىتابنى ئېلىزابېت كې دى ستان ت 1895 – يىلى ۋە 1898 – يىلىدا ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ نەشر قىلغان . بۇ كىتابنى 26 ئايالدىن تەشكىللەنگەن كومىتېت يېزىغان بولۇپ ، ئاياللارنى ئەرلەرگە بويسۇن دۇرىدىغان ئەنئەنىۋى دىنىي تەھلىللەرگە چېتىشلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . ستان ت ، ئاياللار توغرىسىدىكى ئىنجىلىيە پاساڭ لىرىنى قايتا تۇشۇندۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەكىتلەيدىغان بىر خىل دىنىي قاراشنى تەشۋىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان . بۇ كىتاب كۈچلۈك تالاش – تارتىشقا سەۋەب بولدى ، بازاردا ئەڭ زور سېتىلىش مىقدارىغا يەتتى ؛ لېكىن نۇرغۇن ھوقۇق تاللاش چىلار بۇ كىتابنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىدىن قورقۇپ ، ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلدى . ھەتتا يېقىن دوست – ياردەشلىرىمۇ رەسمىي ئۇنى تەنقىد قىلدى ، بۇ نەتىجەدە ستان تنىڭ ھوقۇق تاللاش ھەرىكىتىدىكى تەسىرى ئۈزۈلۈپ كەتتى .
ۋىكىپېدىيادىكى بۇ كىتاب توغرىسىدىكى بەت: en.wikipedia.org/wiki/The_Woman%27s_Bible