لۇئىس دى كامونىس نىڭ « ئوز لۇسى ئادا » شېئىرى پورتۇگالىيەنىڭ ئېپىك شېئىرى بولۇپ ، تۇنجى قېتىم 1572- يىلى نەشر قىلىنغان . بۇ شېئىر دائىم ۋېرگىل نىڭ « ئېنېيىد » شېئىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلىدۇ ؛ 10 پارچىدىن تەركىب تاپقان بۇ شېئىردا ۋاسكو دا گاما نىڭ ھىندىستانغا بارىدىغان دېڭىز يولىنى بايقىشى ھەم پورتۇگالىيەلىكلەرنىڭ باشقا كۆپ مۇساپىلىرى تەبرىكلەنگەن . 1100 دىن ئارتۇق بېتىدىن تەركىب تاپقان بۇ شېئىردا تارىخىي ۋەقەلەر مىفو لوگىيىلىك ئەمەليەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ؛ شېئىردا ئىلاھلار ، نىمفىلار ھەم مۇساپىرى لىكقا دائىر فانتازىيىۋى تەسۋىرلەر بار . پورتۇگالىيەنىڭ دۆلەت ئېپىك شېئىرى بولغان بۇ كىتابتا قەھرىمانلار چوڭ ئىشلارنى ئورۇنداشقا مۇقەررەر بولۇپ ، ئۆزلىرىمۇ رىۋايەتكە ئايلانغان .
ۋىكىپېدىيادىكى بۇ كىتاب توغرىسىدىكى بەت: en.wikipedia.org/wiki/Os_Lus