«گېرمانىيە : قىشلىق بالىلار ھېكايىسى » – گېنرىخ خاي نېڭ 1844- يىلى يازغان ئەسىرى . بۇ ئەسەردە خاي نېڭ پارىژدىن هامبۇرگ قىچە بولغان سەپىرى بايان قىلىنغان بولۇپ ، ئۇ بۇ سەپىر جەريانىدا گېرمانىيەنىڭ سىياسىي تەقىبات ۋە ھەربىي زومىگەرلىك ئارقىسىدا قۇربان بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن . ئۆزگىچە ئىجادىي تېخنىكىلار ۋە شېئىرىي تەسۋىرلەر ئارقىلىق ، مۇساپىر شائىر « قانۇنسىز پىكىرلىرى » نى چېگرادىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەن ھەمدە رېئاكسىيونىستىك مىللىتارىزمنى تەنقىد قىلىپ ، ئەركىنلىك ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تەشەببۇس قىلغان . ئۇنىڭ يەر شارىدا جەننەت بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى كۆز قارىشى شۇنچە رادىكال بولغانكى ، پروسىيە ھاكىمىيىتى بۇ ئەسەرنى چەكلەپ ، ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چىقارغان .
ۋىكىپېدىيادىكى بۇ كىتاب توغرىسىدىكى بەت: en.wikipedia.org/wiki/Germany._A_Winter%27s_Tale de.wikipedia.org/wiki/Deutschland._Ein_Winterm%C3%A4rchen