دانتې ئالىگىيېرىنىڭ « ئىلاھىي كومېدىيە : پاك لاندۇرۇش جەريانى » دېگەن ئەسىرى 14-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يېزىلغان بولۇپ ، « ئىلاھىي كومېدىيە » ناملىق ئەسەرنىڭ 2- قىسمى دۇر. جەھەننەمدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن ، دانتې ۋە يول باشلىغۇچىسى ۋېرگىلىي جەنۇبىي يېرىم شاردىكى بىر ئارالدىكى تاغقا چىقىدۇ . بۇ يەردە ، ئاللىبۇرۇن قۇتۇلغان روھلار يەتتە باسقۇچتىن ئۆتۈشى كېرەك؛ ھەر بىر باسقۇچتا بىر ئاساسلىق گۇناھ پاك لاندۇرۇلىدۇ – غورۇردىن تارتىپ خوشالچىلىق قىلىشقىچە . باشقۇچلارنى بېسىپ ئۆرلەپ بارغاندا ، دۇنيادىكى جەننەتكە يېتىش مۇمكىن بولىدۇ . ھەربىر باسقۇچنى پەرىشتىلەر قوغدايدۇ ھەمدە توبەگە يېتىش جەريانىدا روھلارنىڭ گۇناھلىرى يوقىتىلىدۇ .