جېيمس جويسنىڭ «ياشلىق مەزگىلدىكى ئارتىستنىڭ پورترېتى » دېگەن رومانى 1916- يىلى نەشر قىلىنغان . بۇ رومان مودېرنىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بولۇپ ، ياش ستىفېن دېدالۇ سنىڭ دىنىي ۋە ئىدىيۋى جەھەتتە ئويغىنىش جەريانىنى بايان قىلىدۇ . روماندا ستىفېن كاتولىك ۋە ئىرلاندىيە ئەنئەنىلىرىگە قارشى تۇرۇپ ، ئۆز ئىدىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش جەريانى تەسۋىرلەنگەن . ئاخىرىدا ستىفېن ئىرلاندىيەدىن ياۋروپاغا كۆچۈپ كېتىدۇ . جويس بۇ روماندا ئىجادىي تېخنىكىلارنى قوللىنىپ ، پىرسوناژنىڭ ئۆزگىرىۋاتقان ئىدىيەسىنى چۈشەندۈرگەن .
Wikipedia havolalari: